Download pdf - seyit noci

Transcript
Page 1: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

1

سېيىت نوچى )تارىخى داستان (

كۈنى9-7-2007: ۋاقىت ر ئهلى ئۇيغۇ : يوللىغۇچى

كوزىچى يار بېشى قهشقهر خهلقنىڭ پىغانلىق كۆز يېشى بىلهن قوشۇلۇپ ئاققان تۈمهن دەرياسى بويىدا ،

شىرنىڭكىدەك كهڭ كۆكرىكى ، يولۋاس ئۇ. قوينىدا سېيىت ئىسىملىك بىر ئهزىمهت بارلىققا كهلدى

-تۆت دەرۋازىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى غېرىپ . قىلدى تاپىنىدەك ئالقىنى بىلهن ھهممىنى ئۆزىگه جهلپ

ئۇ ئونبهش ياشقا بارغاندا تۆشۈك دەرۋازادا بىر ناۋايغا . ئۆزىگه ئاشىنا بىلدى غۇرۋا ، يىتىم يېسىرالر ئۇنى

. بولۇپ كىردى نىمكار

ئهلگهك بىلهن ئۇن تاسقاپ ،

. ۈرئۆتمهكته ئۆم

ئهتىگهندىن كهچكىچه ،

. ئهيلهيمىز خېمىر

خېمىر تاۋالپ بولۇپتۇ ،

. بىلهكلهر تۆمۈر

نوچى گىردىسى دەپ ، سېيىت

. داڭقىم يېيىلدى

داستىخانغا دەرمان بولۇپ ،

. يىيىلدى ماختاپ

بۇ گىردىنى ھهرياققا ،

Page 2: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

2

. ئېلىپمۇ كهتتى

ئارقىسى ئالدى ئاقسۇ ،

. يهكهنگه يهتتى

يېسىر باغرىنى ئۇ ،-يىتىم

. ماكانى ئهتتى

نهچچه يىلدىن نىمكار ئىشلهش

. تهننى پىشۇردى

بىلهكلهرگه دەرمان بېرىپ

. قۇۋۋەت ئاشۇردى

غوجامالر-بوزەك قىلسا بهگ

. ئاجىز پۇقرانى

قانداق چىداپ تۇرااليدۇ

. سېيىت ۋىجدانى

ئاگاھ بهردى سېيىت كۆپ رەت ،

. بهگكهھۆكۈمران

نهزەرگه ھېچ ئىلمىغاندا

. قېتىلدى سهپكه

سېيىت گاڭگۇڭ دەپ سېيىت ئاخۇن گېالۋخۇيچىالرغا قېتىلىپ. ئهلقىسسه ، ئايالر ئۆتتى ، يىلالر ئۆتتى

سېيىت . كۆزىگه مىخ بولۇپ قادالدى قان شورىغۇچ تىرىكتاپ بايالر ، پارىخور ئهمهلدارالرنىڭ. ئاتالدى

. شىكايىتى ياغدى-بهگزادىلهرنىڭ ئهرىز ن دادالپ ماتىتهي ٭ نىڭ ئالدىغانوچىنىڭ ئۈستىدى

: ئاڭالڭ ئهمدى گهپنى سېيىت نوچىنىڭ ئۆزىدىن

Page 3: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

3

قارا ساچىم يهلپۈنۈپ

. قاشىمغا چۈشتى

تۈمهن سهۋدا باالالر

. چۈشتى باشىمغا

بولدى مېنىڭ يۆلهنچىم

گېالۋخۇي ھاشىم ٭

، چامباشلىقنى ئۈگهتتى ئۇ

. دوست ئاداشىم-جان

گېالۋخۇيغا جهم بولدۇق ،

. دارىنغا قارشى

خىيانهتچى ، پارىخور

. زالىمغا قارشى

بهلنى باغالپ يهڭ تۈرۈپ ،

. كۆتۈردۇق غوۋغا

مهيلى دىدۇق بىزنى باغالپ ،

. ئاسسىمۇ دارغا

قهيهردە ئۆم بولۇپ ، ھهر

باشلىدۇق جىدەل ،

ئهل ئاغزىدا داڭقىمىز

. غهزەل بولۇپتۇ

قهشقىرىمدە ماتىتهي

. يارلىق چۈشۈردى

Page 4: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

4

دەپ ، سېيىت نوچىنى تۇتۇڭالر

. بۇيرۇق چۈشۈردى

يوقىتىلدى گېالۋخۇي

. زىنداندا ھاشىم

زۇلۇم ، كۈلپهت قاينىمىدا ،

. قېلىپتۇر باشىم

قهشقىرىمدە كۈن ئالماق ،

. تهس بولدى ، كهتتىم

ياۋا قۇشتهك ئايلىنىپ ،

. ئاقسۇغا يهتتىم

قهشقهردىنمۇ بهك غېرىپ ،

. غۇرۋانه ئاقسۇ

خاراپزارلىق ئوچىقى ،

. ۋەيرانه ئاقسۇ

ھهمراھ قىلىپ ، راۋابىمنى

. يهتتىم كۇچاغا

ئالته چېرىك بىر بولۇپ

. ئالدى ئارىغا

ئالته چېرىك ئارىسىدا ،

. شۇنچه مۇشتالشتىم

قارا شهھهر دەرۋازىسىنى ،

. ادا ئاچتىمپهشۋ

Page 5: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

5

: ئهمدى گهپنى قارا شهھهردىن ئاڭاليمىز

قاراشهھهرنىڭ بىقىنىدىكى ، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قېشىدىكى ، دەريانىڭ ئهلقىسسه ، سېيىت گاڭگۇڭ

بونجالىققا كېلىپ راۋابىنى ئالدى ، زەخمهك ئۇرۇپ تارىغا شۇنداق لهرزان چالدى ئېقىنىدىكى خوجۇلۇق

راۋاپ . ھوجاۋىرالر ئۇنىڭ قولىغا قاراپ قالدى-ھلى جاپاكهش ، مۇساپىر تهرەپتىن كهلگهن ئه- ،تهرەپ

. ئاۋازى ئۇالرنىڭ يۈرىكىگه بىر ئوت سالدى

قاراپال ھهيۋەت بىلهن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارچه قارا بۇلۇتنى بىر چاغدا سېيىت نوچى شۇنداق

ئهزرائىلنىڭ ماالمىتىمۇ ؟ ياكى بىربۇ خۇدانىڭ كارامىتىمۇ يا : ئاخۇن دىدىكى سېيىت. كۆردى

قارا بۇلۇت ئهمهس سېيىت ئاخۇن سهپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا ، كېلىۋاتقىنى... كاساپهتنىڭ ئاالمىتىمۇ ؟

ئالدىدا كېلىۋاتقىنى قاراشهھهرگه نامى ئاتلىقالرنىڭ. چاڭ ئىكهن -، ئات تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگهن توپا

زاڭ ئىكهن ، ئۇنىڭ ئهخمهقلىقى ، پوچىلىقى - دېگهن چۈله ىسى پور بايۋەتچهپۇر كهتكهن بىر زالىمنىڭ بال

. ئىكهن پۈتۈن قارا شهھهرگه داڭ

پور بايۋەتچىدۇر ، ئالدىڭدىكى ئاتلىق! ھهي سېيىت نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ : پۇقراالر دىدىكى

- نهچچىدۇر ، ئۇنىڭ يۆلهك قىرىق چاپارمهنلىرى-خۇمسىلىقتا ئۆتۈپ كهتكهن بىر بهچچىدۇر ، ئاتارمهن

ئۇنىڭ ئۆزى . سانايدۇ ، نوچىلىقتىن تهمهيى چوڭ پاناھى چوڭ ، خهلق ئالدىدا گۇناھى چوڭ ، ئۆزىنى شىر

ئۆزى بىلهن ئېلىشىپ قالما ، بهل تۇتۇشۇپ چېلىشىپ سالما ، بهل ئۆتۈپ كهتكهن مۇتىههم اللما ، ئۇنىڭ

! يانپىشىڭغا ئالما تۇتۇشساڭ دەس كۆتۈر ،

قولىدا تىزگىن ، بىر قولىدا قامچا ، سېيىت نوچى شۇنداق قارىغۇدەك بولسا ، پور بايۋەتچىنىڭ بىر

. قولىدا نهيزە ، كالتهك ، ئارغامچا كهينىدە ئون نهچچه چېرىك غالچا ، غالچىالر

چىسىنى ئۆزىچه كۆرەڭلهپ ، نىمه دەيدۇ قېنى ، قام-، ئۆز پور بايۋەتچه سېيىت ئاخۇنغا قاراپ دىۋەيلهپ

: تهڭلهپ

قهيهرلىكسهن ، نهلىكسهن ؟

. ئاتىڭنى سۆزله

Page 6: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

6

زەخمهك قولۇڭدا ،-راۋاپ

. زاتىڭنى سۆزله

ئاياغىمغا باش قويۇپ ،

. دادىڭنى سۆزله

قهيهرلىكسهن ، قهلهندەر ،

دىۋانىمۇسهن ؟

يا بېشىڭغا كۈن چۈشكهن ،

سهرسانىمۇسهن ؟

ۋە يا دەچهن دەردىدە ،

سهن ؟ئاۋارىمۇ

بۇالڭچى ، - ياكى ئوغرى

قاراقچىمۇسهن ؟

قانداق غهرەزدە كهلدىڭ ،

. ھالىڭنى سۆزله

كېلىشكهن قاپقارا بۇرۇتىنى سېيىت ئاخۇن بۇ ھاقارەتنى ئاڭالپ دەرغهزەپ بولۇپ ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ،

! بىر تولغاپ قويۇپ ، نىمهدەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دەڭالر

__ ئهزىزانه قهشقهرنىڭ

. سېپىل تېشىدىن

شېرىن شهربهت سۈيى بار ،

. تۈمهن قېشىدىن

__ خۇمدانچىالر مهلىسى

Page 7: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

7

كوزىچى يار بېشىدىن

__ سېيىت ئىسىملىك چىققان

. پېقىر يىگىتمهن

كىچىكىگه كىچىكمهن ،

. چوڭىغا چوڭمهن

پىششىقىغا پىششىقمهن ،

. توڭىغا توڭمهن

تهتۇرىگه تهتۇرمهن ،

. وڭمهنئوڭىغا ئ

مىسكىنلهرنىڭ مۇڭدىشى ،

. ئامراق يىگىتمهن

. ئالداشنىمۇ ئۇقمايمهن

. رەممال ئهمهسمهن

دىۋانه ،-يا قهلهندەر

. ئابدال ئهمهسمهن

سوقمايمهن ،-خهقنى ئۇرۇپ

. ئامبال ئهمهسمهن

يامىنىدىن قورقمايمهن ،

. چهبدەس يىگىتمهن

نهگه بارسام ھهمرايىم ،

. راۋابىممېنىڭ

چالسام سازىم ، مادارىم ،

Page 8: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

8

. قىلسام تاۋابىم

بولسام شۇ ساڭا ، بىلمهك

. سۆزۇ جاۋابىم

ئهزىزانه قهشقهردىن ،

. چىققان سېيىتمهن

بهگزادە ، كىيىم ماكانى يوق ھارامزادە ، مهن بولسام ئارزۇلۇق-ئهي يۇرت : پور بايۋەتچه دىدىكى

مهن بولسام قاراشهھهردە ئاتالغان دۆلهتته ماڭا ھهرقانداق شاھزادە ،- سهرپايىلىرىم ئازادە ، بهخت

قېنى كۈچ سىنىشايلى ، بىر قهپهس . چوڭمهن گاڭگۇڭمهن ، نامۇ شۆھرەتته رۇستىمى داستانىدىن

. چېلىشايلى گاڭگۇڭ بولساڭ مهيدانغا چۈش ،. ئېلىشايلى

بىر پهس ئارام . پهشۋارىم يوق ساڭا ئاتار . سهندىن قورقۇنچ ، دىشۋارىم يوق: سېيىت نوچى دىدىكى

. ئالغىلى قوي ، ئىككى پهدە چالغىلى قوي

سېسىتاي پۇراپ باقساڭ مۇشتۇمنى ، يوقىتىسهن ھۇشۇڭنى ، بىر مۇشت بىلهن: بايۋەتچه دىدىكى پور

! گۆشۇڭنى ، باش ئۇستۇڭگه قوندۇراي ، ئهجهل ماتهم قۇشۇڭنى-جىگىرىڭنى

قاڭقىپ كېتىپ مۇشتى. سۆزلهردىن كېيىن سېيىت نوچىغا شۇنداق بىر مۇشت ئاتتى پور بايۋەتچه شۇ

چىدالمىغان پور بايۋەتچه سېيىت شۇ ئىزاغا. پاتقاققا پاتتى -ئۆزى ئېغىناپ بىر ئازگالدا ياتتى ، زەي

اپ كهتتى پۇتلىرى سېقىراپ كهتتى ، كاللىسى پېقىر گاڭگۇڭغا شۇنداق بىر پهشۋا ئاتقانىدى ، بايۋەتچىنىڭ

يىقىلغان . چىرقىراپ كهتتى ، ئۈنى بوغۇلۇپ خىرقىراپ كهتتى دەپ! ، ئۆزى بىلهن ئۆزى ۋاي پۇتۇم

قىلسا كۆڭلى قويماپتۇ دېگهندەك ، پور بايۋەتچه پۈتۈن كۈچىنى كاللىسىغا يىغىپ چېلىشقا تويماپتۇ ، توۋا

قۇالقلىرى ۆزى زىڭىلداپ كهتتى ، ك-نوچىنىڭ مهيدىسىگه شۇنداق ئۇستىكى ، بايۋەتچىنىڭ باش سېيىت

بايۋەتچىنىڭ بېشى . ۋىڭىلداپ كهتتى ، پېشانىسى ھۈررەكلهپ سېسىق تۇخۇمدەك لىغىرالپ كهتتى

تۆكۈلگهن ، قهددى پۈكۈلگهن ، يۈرەك خهلقى ئالهم ئالدىدا يۈزى. دوقىدىن ئۆتۈپ سوقىغا ئايلىنىپ كهتتى

قاپالشتى ، سېيىت گاڭگۇڭنىڭ ياقىسىغا كانىدەك چېكى سۆكۈلگهن پور بايۋەتچىنىڭ جېنى بوغۇزىغا

Page 9: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

9

. ئۆزۈڭگه سۇرە ئهپسۇننى ئۇرىۋاپسهن ، ئادەم سىياقىغا كىرىۋاپسهن ! ھهي سېهىرگهي گاداي. چاپالشتى

......! كۆزۈڭگه ئهدەپ دورىسى چاچاي-شۇ يهردە سىرىڭنى ئاچاي ، باش يۈر يامۇلغا ، مهن

ئۈچ نۆۋەتنى ساڭا بهرسهم . بۇنى ئۇقمايسهن. رتهم ئۈچ مهرتهم ئىدى مه-مهرتهم : سىيىت نوچى دىدىكى

چۈشكهن ماياقتهك سهكرەيسهن ، كۆرۈپ باق ئۆزۈڭنى سورىمايسهن ، ئاستا دىسهم بهك دەيسهن ، داپقا

! مېنىڭ كارامىتىمنى

وق سېسىقبايۋەتچىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپال شۇنداق بىر كۆتۈرىۋىدى ، ئۇ يىلتىزى ي سېيىت نوچى پور

بىلهن سېيىت نوچى ئۇنى بىر قولى. كۆتهكتهك ، پاشنىسى يوق ئهسكى ئۆتۈكتهك يۇلۇنۇپ چىقتى

سېيىت ......!!! پىر -پىر - چاقپىلهكمۇ ئۇنداق ئايالنماس ، پىر! شۇنداق ئايالندۇرۋىدى ، ئهييۇھهنناس

ددى داشقا چۈشكهن ماشتهك ، تاغدىن بايۋەتچه خۇ نوچى ئۇنى قارا شهھهر دەرياسىغا شۇنداق ئېتىۋىدى ، پور

، تۇز قوينىغان ئاشتهك ، قىلىچ ئۈگهن باشتهك ، دەريانىڭ قاق چۈشكهن تاشتهك ، كۆزدىن ئاققان ياشتهك

. ئوتتۇرسىغا چۈشتى

دەريادىن سۈزۈۋېلىشتى ، چېرىكلهر پور بايۋەتچىنى: ئهمدى گهپنى قاراشهھهر ئامباللىرىدىن ئاڭاليمىز

نوچى تولىمۇ قارام ئىكهن ، ئۇنىڭ سېيىت: دىيىشتىلهركى . ازراق تۈزۈۋېلىشتى ئۆزلىرىنىمۇ ئ

تۇرقىدا كۆڭلى ئارام ئىكهن ، كهمبهغهل پۇقراالر ئۇنىڭغا رام خۇسۇسىدا بۆلهكچه ئويالش ھارام ئىكهن ، كۈچ

قىلىپ ، ساالم تارتۇق -ئېلىشساق بىزگه خوۋلۇق بولماس ، چىرايلىقچه سوۋغا ئىكهن ، ئۇنىڭ بىلهن

بىرنى ئارتۇق قىلىپ ئۇزىتىپ قويۇپ ، ئۇ كهتكهندىن كېيىن بۇ زىياننى پۇقراالرغا چېچىپ بهزىسىنى

. ئون قىلىپ ئۈندۈرۋالساق

ئهتىسى ئۇالر قاراشهھهر ئېتىدىن . تامامهن بىخهۋەر ئىدى بۇ يامان نىيهتلىك غهرەزدىن سېيىت ئاخۇن

بالىالر سېنى رەنجىتىپ قويغان ! نوچى ، سېيىت گاڭگۇڭ ھهي سېيىت : بىرنى ئۇنىڭغا يوللۇق تۇتۇپ

. ، سهپىرىڭدىن يانمىساڭ ، شهھىرىمىزدە ئۇزاق تۇرۇپ قالمىساڭ دىيىشتى بولسا بىز ناماقۇل

Page 10: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

10

سالدى ، ئاخۇن بولىدۇ دەپ جاۋاپ بېرىپ ، يارۇ دوستلىرى بىلهن خوشلىشىپ ئاتقا بىر قامچا سېيىت

: ئىلىئوغا قاراپ يول ئالدى

ئىلىخوغا بارماڭالر ،

. يولى خهتهردۇر

زىمىستان قىش نهشتىرى

. ئۆتهدۇر جاندىن

مۇساپىرالر دەرتمهنلهر

. يولدا ياتادۇر

ئېتىپ ، ئۆز يۇرتىنى ياد

. غهمگه پاتادۇر

ئىلخوغا مهن بېرىپ ،

. قالدىم باالغا

ياغاق يۈزلۈك چېرىكلهر

. ئالدى ئاراغا

پئالتىسىنىڭ سۇندۇرۇ

. چىشىنى ئۇتتۇر

پهشۋا بىلهن مۇش بىلهن

. ياردىم بېشىنى

ئىلى دەريا بويىدا

. چالدىم راۋاپنى

يىتىمنى ،_ جاالس ئهتتىم قۇل

. تاپتىم ساۋاپنى

Page 11: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

11

يىتىمنىڭ ياتقان يېرى_ قۇل

. پىتلىق ئاۋاختا

بېرەركهن يىتىمغا ئاش-قۇل

. سۇنۇق تاۋاقتا

،ئاۋاختىنى ئاي يورۇقى

. ئايدىڭدا چاقتىم

قوش قولۇمنى قېيىق قىلىپ

. دەريادا ئاقتىم

يىگىرمه ئالته ياشىمدا ،

. كۈنلهر چۈشتى باشىمغا

، ئهرزىمنى بايان ئهيلهي

. يارۇ دوست قاياشىمغا

ئهزىزانه قهشقهردە

. تۇغۇلۇپ ئۆسكهن بويۇم بار

شهھهر كۆرۈپ يۇرت كۆرمهك ،

. ارئىچكه تولغان ئويۇم ب

شهمۇشهنى ئايلىنىپ

. ئۈچتۇرپانغا كېپقالدىم

قولغا ئېلىپ راۋاپنى ،

... ھهر پهدىگه چېپقالدىم

ئۇچتۇرپانلىق كۆڭلىگه

. سېيىت ئاخۇن يېقىپ قالدى

Page 12: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

12

بولساممۇ ياقا يۇرتلۇق

. سۆزلىرىم ئېقىپ قالدى

يهتتى بولۇڭ پۇشقاققا

. ئاتىقىم يېيىلىپتۇ

ياقتا ،يول ئىكهن ھهر_ يول

. يۇرت بولدى ياتىقىم-ئهل

: خااليىقالر دەر ئىدى

. سېيىت نوچى كهلگۈسى

ئۇنىڭ قهدىمى يهتمىكى ،

...... ياخشىلىقنىڭ بهلگىسى

نائهھلىلهر شۇ كهمدە ،

. ئىچى ئاداپ ھالىمغا

تۆھمهت توقۇپ ئۇستۇمدىن ،

: ئهرىز قىپتۇ دارىنغا

ئازدۇردى ، سېيىت يۇرتنى

. رىالرنى جهم قىلىپئوغ

سىزگه ئورا قازدۇردى ،

. باال تېرىپ بۇ يۇرتقا

ئۇنى يوقىتىڭ دەرھال ،

. تۇخۇمى قۇرۇپ كهتسۇن

غوۋغاچى ، ئۇ ياالڭتۆش

..... يهر يۇتۇپ چىرىپ كهتسۇن

Page 13: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

13

يالپاق بۇرۇن دوتهينىڭ ،

. رەڭگىرويى ئۆڭۈپتۇ

سېيىت توغۇرلۇق خىيالى ،

. ھهر كوچىغا مېڭىپتۇ

دوتىيى بولۇپ ، ھهممىگه ئايان بولغايكى ، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ما شاۋۋۇ ئهسلىدە قهشقهرنىڭ

چاغدىن باشالپ سېيىت نوچىنى شۇ. گېالۋخۇيچىالرنى يوقىتىشتا داڭق چىقارغان چوڭ جالالت ئىدى

. ىدى يوقىتىش مهقسىتىگه يېتهلمىگهن بىراق قهشقهردىكى چېغىدا سېيىت نوچىنى. تونۇيتتى

لېكىن ، ئۇ . ئۇنى ناھايىتى ھهيران قالدۇردى گاڭگۇڭنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يهرگه كېلىپ قالغانلىقى

بۇالرنى ئويالپ يهتكهن بۇ . مۇمكىن ئهمهسلىگىنى بىلهتتى ئۇچتۇرپاندا سېيىت نوچىنى جايلىۋېتىشكه

ت نوچىنى ئارقىلىق خاننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشمهك خىيالىدا سېيى ھىلىگهر يېڭى خىزمهت

: چۈشۈپ ، كونا ھۈنۈرىنى ئىشقا سالدى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش كويىغا

ھهي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ،

. ئۇچتۇرپانغا خۇش كهپسهن

، مهن كۆرۈپ دىدارىڭنى

. بولدۇم تولىمۇ خۇرسهن

تهڭ كهچكهن ئهمهسمىدۇق ،

. تۈمهن دەريا بويىنى

تهڭ ئىچكهن ئهمهسمىدۇق ،

. ىئۇنىڭ شهربهت سۈيىن

ئهمهسمىدۇق ، تهڭ ئاڭالپ

. ئايهم كۈيىنى-ھېيىت

Page 14: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

14

بىلله كۆرۈپ كهلگهن بىز ،

. قهشقهر باغرىنى ئهزىز

ئايهمدە تهڭ ئاڭالپ ،-ھېيىت

. كانهي ، سۇناي ، ناغرىنى

قهشقهرلىكنى كۆرگهندە

. تهنگه سىغماي كېتىمهن

داستىخان سېلىپ ئالدىغا ،

. ئېكرام ئېتىمهن-ئىززەت

ھهي نوچى سېيىت گاڭگۇڭ ،

. بارساڭ يۈرسهڭ ، ئوردىغا

ئۇستىخىنىڭ چۈشۈپ قالسا ،

. بۇ يۇرتتا تۇرۇپ قالساڭ

سېيىت نوچى ، ماقۇل

. ئوردىدا تۇرۇپ قاپتۇ

پۇۋلهپ يهل بېرىش ، ماختاش ،

. جايىغا بېرىپ قاپتۇ

ئاق تهڭگه بىلهن چوكان ،

. كۈنمۇكۈن كېلىپ قاپتۇ

ق بۇرۇن ما دارېن ،يالپا

. ھهر ياڭزا كۈلۈپ قاپتۇ

مهزگىل ، ئاي ، يىلالر ئۆتۈپ

. بىر يهرگه بېرىپ قاپتۇ

Page 15: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

15

شۇنداق بىر كۈن ئىچىدە ،

چۈشىدە ، سېيىت نوچى

. ئانىسىنى كۆرۈپ قاپتۇ

قهشقهرگه كېتهيىن دەپ ،

قېشىغا ، مىسكىن ئانا

پات بېرىپ يېتهيىن دەپ ،

ىدا ،قېرىغان چېغى يېن

. ئۆتهيىن دەپ خىزمهت قىلىپ

ئۆز قولىدىن ئېشىنى ،

. بىر قوشۇق ئىچهيىن دەپ

شۇنداق ئويالپتۇ ، مانا

.ئۆي بويىنى بويالپتۇ

دارېن ئالدىغا كىرىپ ،

. ئىجازەتمۇ سوراپتۇ

رزىنى كهلدى ۋە ئه ئهلقىئىسه ، سېيىت نوچى شۇ كۈنى تاڭ ئېتىش بىلهن ما دارېننىڭ ئالدىغا كىرىپ

: بايان قىلدى

قوي ئىزدەر قوزاسىنى ،

. قوزىمۇ ئاناسىنى

ھاۋادىكى قۇشالرمۇ ،

. سېغىنار ئۇۋاسىنى

دىلدىن ،-سېغىندىم يۈرەك

Page 16: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

16

. ئانام مېهرىبانىمنى

ئېتى مهمهت ،__ سېغىندىم

. غهمگۇزارىمنى__ ئۇكامنى

سۈيىدىن ، تۈمهن دەريا

. تويغىچه يۇتاي دەيمهن

گۇزارىم ئانامنىڭ ،غهم

. دەيمهن ئالدىدا ئۆتهي

يار بېشىدا ئولتۇرۇپ ،

. راۋابىم چاالي دەيمهن

يارەننىڭ غۇرۋا-غېرىپ

. كۆڭلىنى ئاالي دەيمهن

قهشقهرگه باراي دەيمهن ،

. قاناي دەيمهن مېهرىگه

ما دارېن ئىجازەت بهر ،

. يولغا ئاتلىناي دەيمهن

: اپ بهردىما دارېن شۇنداق جاۋ

ئىجازەت بېرەي دىسهم ،

. مهن ساڭا چىدالمايمهن

باشتىال دىمهپمىدىم ،

. سهندىن ئايرىاللمايمهن

ئىجازەت بېرەي ، گاڭگۇڭ ،

Page 17: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

17

. ياڭزا چارەم يوق بۆلهك

يوللۇقۇم بېرەي ياچهن ،

. تېخى بىر چىلىم غاڭزا

سهندەك ، يالغۇز ئانىغا

. جان كۆيهر ئوغۇل الزىم

لدىغا بېرىپ دەرھال ،ئا

. ئهيلىگىن تهزىم ئاڭا

قهشقهردىكى تىتهيگه

. خهت يېزىپ بېرەي ئهكهت

كۆرسه ما تىتهي ، جهتنى

. دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمهت

سهن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ،

. قىلدىڭ بىزگه كۆپ خىزمهت

ئهجرىڭ قهدرىگه اليىق ،

. ئىززەت مهنمۇ بىلدۈرەي

رىپ ،بۇ خېتىمنى ئاپى

. بهر تىتهينىڭ ئۆزىگه

سېنى باشلىق قىپ قويار ،

تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگه ،

باشلىق بولۇپ شۇندا سهن ،

. ئۆتهرسهن كۈلۈپ-ئويناپ

، گاڭگۇڭ نامىڭغا اليىق

Page 18: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

18

. مۇرادىڭغا يېتهرسهن

كېتهر بولدۇڭ ، بۇ يۇرتتىن

. ئىچىمگه سېلىپ ئوتنى

ئهته يولغا چىق گاڭگۇڭ ،

. ييارالپ قوياي خهتنىته

. خهندىكى قازدى ئهلقىسسه ، ما دارېن ئۇخلىماي خېتىنى يازدى ، گاڭگۇڭنىڭ ھايات يولىغا ئهجهل

ئالدىدىن چىقىپ جاپاكهش ئهتىسى سېيىت نوچى بۇ خهتنى ئېلىپ ، قوينىغا قاتالپ سېلىپ ، دارېن

: ىپۇقراالرغا تويماي بېقىپ ، يۈرىكى شامدەك ئېقىپ شۇنداق دىد

خوش بۇرادەر ، يارەنلهر ،

. بىلله ئويناپ ئۆتكهنلهر

قاالي ، ئۆزرەمنى ئېيتىپ

. قهشقهرگه كېتىپ قاالي

داغى پهرزەئىت ئانامنىڭ ،

ئۇكامنىڭ ، قان قېرىنداش

. مېهرىگه قېنىۋاالي

قىلغان بڭلسام مهنمهنلىك ،

بولسا سهۋەنلىك ، ئۆتكهن

كهچۈرۈڭالر ، يۇرتداشالر ،

. خوش ، قېرىنداشالر-خهير

Page 19: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

19

. ئالدى بۇرادەرلىرى بىلهن خوشلىشىپ قهشقهرگه قاراپ يول-ئهلقىسسه ، سېيىت نوچى يار

. ئېتى شورلۇق يهرگه پاتتى ئۇچتۇرپاندىن ئۇزاپ كهتكهندە ، مارالبىشىنىڭ تۇمشۇقىغا يهتكهندە نوچىنىڭ

ئېشىكىنى ھهيدەپ پاتقاقتىن ئامان چىققان تقانتۇز ئارى. سېيىت نوچى ئاتتىن چۈشۈپ كۆتۈرۈپ تارتتى

تۇزچى . سېيىت نوچىغا ياردەملىشىپ ئاتنى تارتىۋالدى . قالدى بىر تۇزچى بوۋاي بۇ ھالنى كۆرۈپ ھهيران

: بوۋاي ئېيتتىكى

ئوغلۇم سېنىڭ چىرايىڭ ،

. زەپمۇ ئىللىق كۆرۈندى

ئېتىڭ پېتىپ شورلۇققا ،

. جهۋىپتىن خهتهر بىلىندى

سهپىرىڭدىن بىر گۇمان ،

. ئايان بولدى كۆڭلۈمگه

مهنزىلىڭگه يهتكۈچه ،

. ئاگاھ بولغىن ئۆزۈڭگه

بار ؟ ئېيىتقىن نىمه قىسمهت

سهپىرىڭدە ، ئىشىڭدا ،

ئۆتكهن قانداق خىسلهت بار ؟

. بېشىڭدا سېنىڭ مىسكىن

دارېننىڭ ما. قىلىپ بهردى ئهلقىسسه ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋايغا سهرگۈزەشتىلىرىنى ھىكايه

. خېتىنى قوينىدىن ئېلىپ پوتىسىغا مهھكهم تۈگدى

: تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى

كۆردۈڭمۇ ؟ بۇ زاماننىڭ ھهي ئوغلۇم ، ئۇشبۇ خهتنى يېنىڭدا ساقالپ يۈردۈڭمۇ ؟ خهتنى ئېچىپ ئوقۇپ __

Page 20: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

20

ە بېلىڭنى باغلىما ، دارېننىڭ كهمىرىد نادانلىق قىلىپ ، تهۋەككۇل. ئامباللىرىدا ئىنساپ قالمىدى

. خهتنى ئېچىپ ئوقۇپ باقايلى قېنى خېتىنى سهل چاغلىما ، پاالكهت باسمىسۇن سېنى ،

: سېيىت نوچى ئېيتتىكى

ئامانهتكه خىيانهت ،

. نامهرد ئىشىدۇر

پاالكهتنىڭ ئامرىقى ،

. كىشىدۇر قورققاق

ھاياتىمدا نامهرتلىك

. قىلغان ئهمهسمهن

كۈمۈشكه ، _ ئالتۇنجاننى

. ساتقان ئهمهسمهن

كهلسه ئهجهل ناۋادا ،

. جاننى ئاالدۇر

سۇالر ئېقىپ ئاستىدا ،

. تاشالر قاالدۇر

قهشقىرىمدا يارەن كۆپ ،

. يالغۇز ئهمهسمهن

كىمكى قىلسا يامانلىق ،

. ئادەم دىمهسمهن

. سهندىن يىراق تۇرسۇن خهتهر-بولسۇن ، خهۋپ خهير ، ئوغلۇم ، ساڭا ئاقيول : تۇزچى بوۋاي ئېيتتىكى

. خورام كۈلسۇن-دۈشمىنىڭ قان قۇسۇپ ئۆلسۇن ، دوستلىرىڭ شاد

Page 21: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

21

. قاراپ يول يۈردى ئهلقىسسه ، سېيىت نوچى تۇزچى بوۋاي بىلهن خهيرلىشىپ ئېتىغا يهنه مىندى ، ئالغا

-قان . دەمدە قهشقهرگه يېتىپ باردى ىريولنى كۆپ بېسىپ ، كۆرگهنال يهردە كىشىلهر قازان ئېسىپ ، ئاخ

. بېشىنى كۆردى ياش ئاقار تۈمهن دەرياسى بىلهن كۆزىچى يار

سېيىت نوچى دىگهن گاڭگۇڭ ،

. دۆڭنىڭ ئۈستىگه چىقسا

ئانا مېهرىنىڭ شامى ،

. باغرىدا ئېرىپ ئاقسا

ھهر ياقتىن خاراپ يۇرتى ،

. ھهسرەت ئوتىنى ياقسا

ياش ،-ان تۈمهن تولغۇدەك ق

. تۇرماي تامچىالپ ئاقسا

بىرله ، ياش قۇيغان كۆزلهر

تويماي ھهر تامان باقسا ،

ئىشىككه كېلىپ قاقسا ،

قاپتۇ ، ئىشىك تاقىلىپ

. چىراغمۇ ئۆچۈپ قاپتۇ

ئانىسى غېرىپ مهزلۇم ،

يېتىپ قاپتۇ ، چېكىپ. . . ئاھ

غهملهرگه پېتىپ قاپتۇ ،

. ۇئۇخالپمۇ قېتىپ قاپت

.... جېنىم ئانا ... جان ئانا

. دەپتۇ سۆزىنى باشالپ

Page 22: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

22

ئاڭلىتالماي ئۆگزىگه ،

. قوشالپ چالمىنى تاشالپ

يهنه تهكرار توۋالپتۇ ،

. بوتىالقتهك بوزالپتۇ

جاراھهتلىك باغرىنى ،

ھهسرەتلىرى تۇزالپتۇ ،

. توۋالشلىرى تېزلهپتۇ

ئاخىر ئاڭالپ ئانىسى ،

. چىراغنىيائىدۇرۇپتۇ

يىراقنى ،-ئويالپ يېقىن

ئىچىنى خىيال ئوراپتۇ ،

. كىملىكىنى سوراپتۇ

جان ئانا ، جېنىم ئانا

. دېگهن بىر سادا كهلدى

ئىشىكنى ئاچ ، جان ئانا ،

. مۇساپىر باالڭ كهلدى

شۇ سۆز بىلهن ئانىسى ،

ئىشىككه ئوقتهك ئېتىلىپ ،

. قېتىلىپ ياش-سۆزگه قان

ينىغا گىرە سېلىپ ،بو

. ھارماڭ ، بالىكام دەپتۇ

دەستىخان ئېچىلىپ ، يىرتىق

Page 23: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

23

گۈله قاقالر چېچىلىپ ،

ھىجىردا چاي ئىچىلىپ ،

ئادەم تولۇپتۇ ، ئۆيگه

. تۈنمۇ تامام بولۇپتۇ

ئهتىسى تاڭ ئاتقاندا ،

ئهزان ئېيتقاندا ، مهزىن

سېيىت نوچى جامهدە

. جامائهتنى كۆرۈپتۇ

. كۈلۈپتۇ الپتۇ ھهميىغ

ئۆيگه قايتىپ كېلىپتۇ ،

. ئېگىلىپ ساالم بېرىپتۇ

، پهسته تۇرۇپ قول باغالپ

چاپان كىيىپ بهل باغالپ ،

ئانىسىغا خۇش قاراپ ،

. قىلىپتۇ شۇنداق بىر سۆز

مهن يامۇلغا كىرەيمهن ،

. ما تىتهينى كۆرەيمهن

ئۇنىڭغا ، ئالدى بىلهن

. ەيمهنھۆرمهت ساالم بېر

سوڭرە ئامانهت خهتنى ،

. بېرەيمهن ئۆز قولىغا

شۇنداق دەپ سېيىت ئاخۇن ،

Page 24: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

24

. ئىجازەتنىمۇ ئاپتۇ

ئامانهت دەپ ، خۇداغا

. ئانا ئىشىكته قاپتۇ

خهتنى ئوقۇپ ما تىتهي ،

. باشنى ئاستا چايقاپتۇ

يۇمشاق كۈلكىدىن نوچى ،

. ھهر ئهھۋالنى بايقاپتۇ

وۋاينى ،شۇندا تۇزچى ب

. دەررۇ يادىغا ئاپتۇ

شۇ ئوي ، شۇ خىيال بىرله ،

. تىتهيگه قاراپ قاپتۇ

تىتهي ، سۇڭرە سۆزلهپ ما

. ئۈچ كۈنلۈك سۈرۈك دەپتۇ

ئۈچ كېيىن يامۇلغا

. دەپتۇ سهن ئۆزەڭال كهل

بىز كېڭهشنى پۈتتۈرسهك ،

پىشانهڭگه يېزىلغان

. دەپتۇ كارامهتنى كۆر

سېيىت ئاخۇن ،ئۈچىنچى كۈن

. ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتۇ

چۈشىدە تېخى شۇنچه ،

Page 25: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

25

: نۇرغۇنال ئىش كۆرۈپتۇ

چوڭ يولدا كېتىپ بېرىپ ،

قارا ئېتىنى كۆرۈپتۇ ،

ئويغىنىپ ئۇ ئويالپتۇ ،

. ئاياغدىن ئويىنى-باش

، دەرھال بېرىپ ھاممامغا

. سۇغا ساپتۇ بويىنى

ئانىسىغا سۆز قوشۇپ ،

. سهندىن سورايمهن:دەپتۇ

بۈگۈن ئۇلۇغ جۇمه كۈن ،

ئاپاق غوجامغا چىقىپ ،

. ناماز ئوقۇپ كىرەيمهن

ئانا بېرىپ ئىجازەت ،

. ئىشىك تۈۋىدە قاپتۇ

دۇئا بىرله سېيىت ئاخۇن ،

... ھهزرەت ياققا يول ئاپتۇ

ئاڭلىناتتى ھهر ياقتىن ،

پىغان زارى ، ئهلهم ،-دەرت

اپچىنىڭ ،تاشۋايدەك راۋ

. ئۈزۈلگهن يۈرەك تارى

باغ ئهتراپى ، ئۈجمىلىك

. ئايلىنىپتۇ مازارغا

Page 26: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

26

يالىڭاچ تهن ، يوقسۇلالر ،

چىقالماپتۇ بازارغا

ئارىالپ سېيىت نوچى ،

كۆردى ئهلنىڭ ھالىنى ،

بۇالپ ئالغان ئاچ كۆزلهر ،

. يوق مالىنى-يۇرتنىڭ بار

يهردە ، كۆزى چۈشتى ھهر

. بىلهن يامانغاياخشى

يۈرىكىدە ئوت ياندى ،

. زامانغا لهنهت ئوقۇپ

. ھهممه يۇرتتا خار پۇقرا

. دەرت ئهلهمگه يار پۇقرا

يىغاليدۇ ھهسرەتته ، قان

. بۇردا نانغا زار پۇقرا

خۇدايا ، ئالهمنى ،... ئاھ

. ئۆزۈڭ ئالغان ھۆددەڭگه

شهپقهت قىلساڭچۇ ،-رەھىم

. بهندەڭگه ىنبىزدەك مىسك

ئالىمىڭنى كهڭ قىلىپ ،

. زامانهڭنى تار قىپسهن

ئهلهملهپ ، ئادىمىڭنى

. ئېشهكتهك خار قىپسهن-ئىت

Page 27: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

27

شاپائهت قىل قهشقهرگه ،

. شهپقىتىڭنى ياغقۇزغىن

قانغا تويماس زالىمنى ،

. ئۆزۈڭ زاۋال تاپقۇزغىن

سېيىت نوچى ھهر يهردە ،

. دىيىرتىق چاپان ، تون كۆر

تۆكۈلگهن ، توننى بويالپ

. لهخته خۇن كۆردى-لهخته

يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ ،

. بولۇپ ياناتتى كاۋاپ

ساماۋاردا ئولتۇرۇپ ،

ئىچ قارنىنى تولدۇرۇپ ،

يۇرت بىلهن مۇڭدىشىپ ، - ئهل

. دىدارىغا قاناتتى

ساماۋارنىڭ چۆرىسى ،

. بىلهن لىق تولغان ئادەم

ۇششاق قهشقهرلىك ، ئ-ئۇلۇغ

. ئهتراپىغا جهم بولغان

چىقىپ كهپتۇ بىر چاغدا ،

. بىر توپ چېرىك ئات بىلهن

يامۇلدىن ، يارلىق ئېلىپ

تىتهي يازغان خهت بىلهن ،

Page 28: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

28

چېرىك ساالم بېرىپتۇ ،

. تۇرۇپتۇ قاتارلىشىپ

سېيىت ئۇقۇپ ئهھۋالنى ،

. دەرھال يولغا يۈرۈپتۇ

هگىشىپ ،يارەنلهر ئ - دوست

تولىسى گهپ تهگىشىپ ،

. يۈرگهندە تېز يۈرۈپتۇ

. خىيالالر سۈرۈپتۇ كۆپ

تۈندە كۆرگهن چۈشىنى ،

يول توسقان قارا ئىتنى ،

. قانچه تهكرار كۆرۈپتۇ

شهھهرگه يېقىن كهلگهندە ،

، قارىغا ٭ سۇ بهرگهندە

كۇسۇلدىشىپ چېرىكلهر ،

سۆشلهشكهننى كۆرگهندە ،

سوراپتۇ ، پ دەپ ؟ دەپنىمه گه

. جاۋابىنى تىڭشاپتۇ

باغالپ ئهكىر دېگهننى ،

ئاڭالپتۇ ، چېرىكلهردىن

دە دەرھالال ،-ئاڭالپتۇ

. ئۆزىنى ئوڭالپتۇ-ئۆز

. مهھكهم باغالپتۇ بهلنى

Page 29: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

29

باغالڭالر دەپ قولىنى ،

. ئارقىسىغا جۇغالپتۇ

ئۆزىنى يولۋاستهك ، ئۇ

ۇ،گويا شىردەك چاغالپت

چېرىك دېگهن تىترىشىپ ،

چىۋىن ئوخشاش چىرمىشىپ ،

. سېيىت ئاخۇننى باغالپتۇ

: ئاڭالپتۇ ئاندىن بىر سۆز

ھىچ گۇناھ يوق سىلهردە ،

خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى ،

. جامائهت خوش ئهمدى يۇرت

رىزا بولۇنه قهشقهرلىك

. ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى

يۇرت شۇ سۆزنى ئاڭالپتۇ ،

. رەك باغرىن داغالپتۇيۈ

ئاخۇن ، كۆكرەك كېرىپ سريىت

ئالغا ماڭغان چاغالردا

. ھۆر يىغالپتۇ-ھهممه ھۆر

: ئهمدى گهپنى قهشقهرنىڭ دارېنلىرىدىن ئاڭاليمىز

: دارېنلىرىدىن ئاڭاليمىز ئهمدى گهپنى قهشقهرنىڭ

Page 30: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

30

بولماس ، شۇڭا دەرھال ىزگه ئامانلىقئۇ پۇقراالر بىلهن دىدار كۆرۈشۈپ بولغۇچه يوق قىلىۋەتمىسهك ب

سېيىت نوچى گۇندىخانىغا سهكسهن چېرىك ھازىر بولسۇن ، سېيىت نوچىنى تۇتۇشقا يۇرسۇن ،

نوچى ما تىتهينى كۆرمهك تهلىپىنى سېيىت. سېيىت نوچىنى ئاشۇنداق كهلتۈرۈشتى . كهلتۈرۈلسۇن

: دەپتۇ سېيىت نوچى شۇنداق. تىتهي قوبۇل كۆردى . بهردى

كېزىپ دەشتى باياۋان ،

. داۋان-ئاشتىم تاغ

نهگه بارسام پۇقرانىڭ ،

. ھالى بهك يامان

رەڭگى سۇلغۇن، زەپىران،

. باغرى لهخته قان

ئىچكىنى ئوغا ، زەھهر ،

. چهككىنى پىغان

ئۇچتۇرپاندا ماتىتهي ،

. يېزىپ بهردى خهت

سىزگه تىلهپ ئامانلىق ،

. پاراغهت-بهخت

دوتهينىڭ خېتىنى ، ما

مهندىن ئالدىڭىز ،

ئهمدى نىچۈن بىلمىدىم ،

قالدىڭىز ؟ ئاينىپ

Page 31: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

31

خۇپسهنلىك بىلهن ئهلقىسسه ، ما تىتهي مۇئۈئهممبهرلىك بىلهن سېيىت گاڭڭۇڭغا قاراپ قالدى ،

تاپتى ، ھىلى مىكىرلىك ھىچنىمىنى ئۇقماس كىشى بولىۋېلىپ ئۆز يېغىدا ئۆزىنى قورۇشقا پۇرسهت

: نىقابىنى يۈزىگه تارتتى

ھهي نوچى سېيىت گاڭڭۇڭ ،

ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈم نامهڭنى،

كهپسهن ، سهن ئۆزۈڭ ئېلىپ

مېنىڭ بۇ يۈرىكىمگه ،

. نادامهت سېلىپ كهپسهن

بىلسهڭ ، خهت بىلهن مېنىڭ

. كۆكسۈمگه پىچاق پاتتى

قانداق قىلىمىز ، گاڭڭۇڭ ،

. بېشىم قاتتى ئهجهپمۇ

ا ئىدىم ئامراق ،مهن ساڭ

ئۆلتۈرەي سېنى قانداق ؟

ئۆلتۈرمهي دىسهم نوچى ،

. خاننىڭ يارلىغى شۇنداق

_گاڭڭۇڭ ، دېدى__ ئهي ئامبال

. تهڭلىكته تۇرۇپ قالما

خاننىڭ ئالدىدا ئاسى ،

. بولۇپ قالما گۇناھكار

. چېرىكلهرگه ئېيىت دەرھال

. مىلتىقىغا ئوق سالسۇن

Page 32: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

32

پچىقىپ ،مويتۇڭزىغا ئې

ھايالسىز جېنىم ئالسۇن ،

ئهزىزانه قهشقهرلىك،

... ! مېنى بىر كۆرۈپ قالسۇن

جالالتالر كېلىپ شۇ دەم ،

. سالدى بوينىغا تاقاق

پۇتىغا سېلىپ ئىشكهل ،

. زىندان باغرىغا ئالدى

ئۆتۈپ كهتى ، ئون تۆت كۈن

. تاقىتى تۈگهپ كهتتى

مهرت يىگىت سېيىت گاڭڭۇڭ ،

بايان ئهتتى ، سۆزىنى

چىدامىم يوق ،: دىدى ئۇ

يا بۆلهك تهمهيىم يوق ،

كلتۈرسهڭ بۈگۈن ئۆلتۈر ،

. جۈمه كۈن كېلىپ يهتتى

. . . . . .

بولۇشتى ئامبالالر ، جهم

. يهڭڭۈشلىشىپ تامبالالر

داچهي ھارۋۇنى قوش دەپ

. يارلىق قىلدى دەرھالال

تۆت ئاتلىق يوغان ھارۋا ،

Page 33: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

33

. بولدى تهييار بولدى تهخ

سېيىت نوچىنى ئاتماققا ،

. ئېلىپ ماڭار ۋاخ بولدى

قاتقاندا ، ئات ھارۋىنى

توققۇز پاي پو ئاتقاندا ،

تۆت دەرۋازىغا يۈزدىن

چېرىك پاتقاندا ، تۆت يۈز

يورغىلىشىپ ھهريانغا ،

تېپىرلىشىپ ياتقاندا ،

تولغان باشلىرى ، تهشۋىش

ك قاتقاندا ،قارا تاشته

سېيىت نوچىنى چىڭ باغالپ ،

. ئوردا ئالدىغا ئېپ كهلدى

ئۇ ھارۋىدا تىك توختاپ ،

: كهلدى شۇنداق سۆزنى دەپ

خوش ، ئامان بول قهشقهرلىك ،

. تۇققانالر__ جانجىگهرلهر

جۈمه قۇالق سال ، بۈگۈن

. سۆز قهدرىنى ئۇققانالر

جامائهت جهم بولۇپسىز ،

. ن بولۇڭ رازىمېنىڭدى

مهھشهردە كۆرۈشكهيمىز ،

Page 34: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

34

. بولغىنىدا خۇدا قازى

گۇناھسىز ئۆلهر بولدۇم ،

. نادانلىق باالسىدىن

كىملهر قۇتۇلۇپ قالغان ،

! زالىمنىڭ جازاسىدىن

ئهي قهشقهرلىك ، قهشقهرلىك ،

. قالماڭالر مېنى ئۇنتۇپ

مهندەك بولماي دىسهڭالر ،

. الرھهرگىز نادان بولماڭ

نادانلىق ئېلىپ كهتتى ،

. يىگىتلىكته باشىمنى

مېنىڭدەك ئېلىپ كهتكهن ،

. ھاشىمدەك ئاداشىمنى

جهتنى بىلمىگهن ئادەم ،

. بېشىدا كېزەر ماتهم

خهت بىلمهس نادانالرغا ،

. قاراڭغۇ ئىكهن ئالهم

ئوقۇڭالر ئۆزۈڭالرمۇ ،

. تهلىم ئالسۇن ياش بالال

ېپ قالسۇنقهلبىڭالردا ق

! ئهنتىڭالر __ قىساسىڭالر

. . . . . .

Page 35: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

35

مهمهتخان ئىنىم قالدى ،

. جان ئانام ئۇنى باقسۇن

، مهيلى ئاتسا زالىماالر

. قهشقهرگه قېنىم ئاقسۇن

قهبرەمنى كۆرۈپ خهلقىم ،

. مهندىن ئىبرەت ئالغۇسى

قان قهرزىم قىساسىمغا ،

. ئۈمىد كۈتىمهن سهندىن

قهشقهرلىك ، غىنرازى بول

. يۇرتداشالر خوش ئهمدى-ئهل

بىلله ئويناپ تهڭ ئۆسكهن

! يارۇ دوستالر خوش ئهمدى

. . . . . .

خااليىق نىدا ئهيلهپ ،

. تولدۇرۇپ كۆزگه ياشنى

زارى ناۋا ئهيلهپ ،_ مۇڭ

: چۈشتى نالىلىك سۆزگه

پهلهكنىڭ قىسمىتى ، كاج

. بۇ كۈننى ساپتۇ سىزگه

ۈن ئالماق بۇ قهشقهردە ،ك

. . . ! بولمامادۇ راۋا بىزگه ؟

بىرنى ئوق بىلهن ئاتسا ،

Page 36: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

36

باسسا ، ئوننى جادۇغا

يۈزنى دارغا ئاسسا ،

مىڭالپ گۇندىدا ياتسا ،

توغراپ ، ئادەم بېشىنى

تاغنىڭ تېشىغا قاتسا ،

دەرتمهن بىر گۇناھكارغا ،

. چاتسا مىڭىنى ئېلىپ

ستانلىق ،بۇ ئالهم زىمى

. بولدى بىر گۆرىستانلىق

ئۆتهرمۇ ، گۆرىستاندا

... بهختى قارا قهشقهرلىك

. . . . . .

گاڭڭۇڭ ، سېيىت ئاخۇن ، سېيىت

. يۇرتتىن رازىلىق ئالدى

ھارۋىمۇ قومۇشبازىرى ٭

. قالدى يېنىغا بېرىپ

دىدى سېيىت گاڭڭۇڭ! ئات

: ھارۋىدىن تۆۋەن سهكرەپ

! ! ئۇدۇلالپ ئات ! تئات جالال

. يۈرەككه ئۈدۈل چهنلهپ

چېقىر كۆزلۈك بىر جالالت ،

مىلتىقىنى راسا بهتلهپ ،

Page 37: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

37

سېيىت گاڭڭۇڭنىڭ ئالدىدا ،

. تهڭلهپ تۇردى كۆزىگه

ئارقا ياقتىن جىڭ جالالت ،

. دەرھال تهپكىنى باستى

چېقىپ مىلتىقى ، پىستان

. ئۆزى يىقىلىپ ياتتى

ت ئاتقان ئوق ،ئىككىنچى رە

. تهگدى تاغاققا كېلىپ

سېيىت ئاخۇن دىدى شۇ دەم ،

: مىلتىق ئاتقان جالالتقا

مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات ،

. نائۇستاق يېقىن كهلمه

ئات ، سول كۆكسۈمنى چهنلهپ

. . . . جا ئۇستاڭ يېقىن كهلمه

مه ، ھهققىڭنى ئاق تهڭگه

. سۆزىنى باشالپ دىدى

ك كۈمۈش پۇلنى ،بىر سهرلى

. جالالت ئالدىغا تاشالپ

جالالت ئالدى ياچهننى

. چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ

تهلهپكه مۇۋاپىق ئۇ ،

. ئۈچ ماڭدام كېيىن قايتىپ

Page 38: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

38

. . . . . .

سېيىت ئاخۇن سېيىت گاڭڭۇڭ ،

. تىك تۇرار ئىدى سۆزلهپ

ماداخۇ دىگهن جالالت ،

. ئاتتى جايىنى كۆزلهپ

ي ئوق تهككهندە ،يهتته پا

. ئىگىز چىنار يىقىلدى

گۈلدۈرلهپ ، ھهيۋەت بىلهن

. . . كۆكته چاقماق چېقىلدى

قهشقهر ئاسمىنى بويالپ ،

ئۇچمىغان بۈگۈن كهپتهر ،

سىم تۆكۈلهر يامغۇر ،-سىم

. كۆكته بۇلۇتالر كېزەر

قاغىالر قاقىلدايدۇ ،

. سېپىلدىكى پوتهيدە

مىكىن ،بار بىزگه شهپقهت

! شىيهنگهن بىلهن دوتهيدە ؟

دوتهي بىلهن شىيهنگهننىڭ ،

. ئىچكهنلىرى قان بولدى

قهشقهرلىكنىڭ كۆز يېشى ،

. سهل بىلهن قىيان بولدى

شىيهنگهن بىلهن دوتهينىڭ ،

Page 39: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

39

. كىملىگى ئايان بولدى

يۈرەكلهردىن ، دەرت تولغان

. بۇ سۆزلهر بايان بولدى

يىت گاڭڭۇڭ ،سېيىت ئاخۇن ، سې

. جېنىدىن جۇدا بولدى

ئهزىزانه قهشقهرنىڭ

. شۇڭقارى ئادا بولدى

. . . . . .

سېيىت ئاخۇن ئۆلۈپ كهتتى ،

. تۇپراققا كىرىپ كهتتى

مۇسىبهتتىن-بۇ ئالهم

. يۈرەككه خۇن تولۇپ كهتتى

چالدى چاكىچاك قهشقهر ،

. موڭ تولغان راۋابىنى

سهئايهم كۈنلىرى كهل

. تهرك ئهتمهي تاۋابىنى

موڭلۇق قهۋرىگه سۈركهپ ،

. باغرىنىڭ كاۋابىنى

ئوغلىغا دۇئا ئهيلهپ ،

. يوللىغاي ساۋابىنى

ئۆلمىسهك ئىچهرمىز دەپ ،

. تاڭ ۋەسلى شارابىنى

Page 40: seyit noci

سېيىت نوچى ئۇيغۇر خهلق داستانى

40

جايالشقان مهھهلله تۈمهن دەرياسىنىڭ شهرقى جهنۇپ لېۋىگه__ كوزىچى ياربىشى ) 1: ( ئىزاھاتالر

. ئىسمى

. ئىسمى قهشقهر شهرقى دەرۋازىنىڭ__ تۆشۈك دەرۋازا ( 2 )

مهملىكهت بويىچه زالىمالرغا كهينىدە پۈتۈن_ بۇ يهردە شىنخهي ئىنقىالۋىنىڭ ئالدى ___ سهپ ( 3 )

. شۆبىسى نهزەردە تۇتۇلىدۇ قارشى قۇئۇلغان گېالۋخۇي تهشكىالتىنىڭ قهشقهردىكى

قهشقهردە ھۆكۈمرانلىق قىلغان فاشىست ھهربى يىلغىچه _ 1932 يىلىدىن _1911__ ما تىتهي ( 4 )

. ئهمهلدار ، ئهسلى ئىسمى ما پۇشىڭ

يهكهن ، قهشقهر يهكهنلىك ماھىر چامباشچى بولۇپ ، ئۇ گېالۋخۇيغا قاتنىشىپ ،__ گېالۋخۇي ھاشىم ( 5 )

. تىغانئۇنى كىشىلهر گېالۋخۇي ھاشىم دەپ ئا. ئهتراپىدا داڭق چىقارغان

. بهشكىرەمدە ھهزرەت يول ئايرىلىشىدىكى بىر جاينىڭ ئىسمى__ قارىغا ( 6 )

. جاي ئىسمى__ قومۇش بازىرى ( 7 )

ئۇيغۇر خهلق داستانلىرى: مهنبه